home

ئەپ تەڭشەك ئۆگەتمە

دىلكان ئەپنىڭ خاس تەڭشىكىگە كىرسىڭىز دىلكاننى ئۆز ئېھتىياج-قىزىقىشىڭىز بويىچە تەڭشىيەلەيسىز. بىرلا تەڭشىۋالسىڭىز، كېلەر قېتىم دىلكاننى ئاچسىڭىزمۇ سىز تەڭشىگەن بويىچە چىقىدۇ. تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

دىلكان باش بەت ئوڭ تەرەپ ئۈستى «ئەزا مەركىزى»دىن ياكى ئەڭ ئۈستىدىكى كۇلۇچنىڭ بەلگىسىنى بېسىپ تەڭشەككە كىرىڭ.

كىنو قويۇلغاندىن كېيىن چىقىدىغان قويغۇچ تەپسىلات بېتىنى تەڭشىمەكچى بولسىڭىز، تەڭشەكتىن «قويغۇچ تەپسىلات بېتى»نى تاللاپ، پۈتۈن چوڭ ئېكران، ئاددىي كېلاسسىك بەت ئىككىسىدىن خالىغاننى تاللىسىڭىزلا بولىدۇ.

كىنو قېتىۋالىدىغان، سۈزۈك چىقماي غۇۋا چىقىدىغان، ئاۋاز ئالدى كەينى چىقىۋالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، «قويغۇچ تاللاش»تىن ئۈچ قويغۇچنى بىردىن بىردىن ئالماشتۇرۇپ سىناپ بېقىڭ.

كىنو قويۇلغاندىن كېيىن كىنونى تېز ئۆتكۈزۈش، تېز ئۆتكەندىن كېيىن قويۇلۇشى راۋان بولمىسا، تېزگىنەك راۋان يۆتكەلمىسە «قويغۇچ كۆرۈنمىسى»دىن «ئاددىي، نورمال» ئىككىسىنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ بېقىڭ، بۇنى ئالماشتۇرۇپ قالسىڭىز ئەپنى قايتا ئېچىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئاددىي، نورمال قويغۇچ كۆرۈنمىسىنىڭ پەرقى تۆۋەندىكىچە:

ئاددىي قويغۇچ كۆرۈنمىسىدە كىنونى تېز ئۆتكۈزسىڭىز ئېكراننىڭ ئوتتۇرىدا ۋاقىتى چىقىدۇ، ئېكراندا ئارتۇقچە بەلگىلەر يوق، كىنو ئۆتكۈزۈش راۋان.

نورمال ئېكران كۆرۈنمىسىدە ئوڭ تەرەپ ئۈستىدە فىلىمگە چۈشكەن يۈرەك سانى، ئىنكاس سانى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. كىنونى تېز ئۆتكۈزسىڭىز كىنو بۆلەكلىرىنى كۆرەلەيسىز، ھەر بىر بۆلەكتىكى فىلىم كۆرۈنۈشى چىقىپ تۇرىدۇ.

ئەپنىڭ ئىچىدە تىزگىنەكنىڭ قايتىش «返回» كونۇپكىسى ئىشلىمەي تۇرىۋالسا، «قايتىش تەڭشىكى»دىن «قايتىش 2»نى تاللىسىڭىزلا تىزگىنەكنىڭ قايتىش كونۇپكىسى ئىشلىمەسلىك مەسىلىسى ئوڭشىلىدۇ (قايتىش كونۇپكىسى ئىشلىمەسلىك مەسىلىسى كۆپىنچە چاڭخۇڭ تېلېۋىزوردا كۆپ ئۇچرايدۇ، باشقا ماركىلىق تېلېۋىزوردا يوق دېيەرلىك).

ئەسكەرتىش: تېلېۋىزورىڭىزدا قايتىش كونۇپكىسى نورمال ئىشلىسە بۇنى تەڭشىشىڭىز ھاجەتسىز!

ھەر قېتىم كىنو كۆرگەندە كىنو سۈزۈلۈكىنى مەن تەڭشىۋالغان بويىچە چىقسۇن دېسىڭىز، «فىلىم سۈزۈكلۈكى»دىن ئېھتىياجىڭىز بويىچە تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ، بىر تەڭشىۋالسىڭىز ھەر قېتىم كىنو كۆرگەندە سۈزۈكلۈكىنى قايتا تەڭشەش ھاجەتسىز.

بىلدۈرگۈ: تېلېۋىزورلار سەپلىمىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى سەۋەبلىك، بەزى تۆۋەن سەپلىمىدىكى تېلېۋىزورلاردا كىنو يۇقىرى سۈزۈكلۈككە تەڭشەلسە كىنو راۋان چىقمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈشى مۇمكىن، تېلېۋىزورىڭىزدا كىنو سۈزۈكلۈكىنى يۇقىرى تەڭشىسىڭىز كىنو راۋان چىقمىسا، سۈزۈكلۈكىنى تۆۋەن تەڭشەپ سىناپ بېقىڭ.

ئېكران رازمىرىنى تەڭشىمەكچى بولسىڭىز «قويغۇچ رازمىرى»دىن ئېھتىياجىڭىز بويىچە تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ.

تەۋسىيە: كىنونى ئەسلى رازمىرى بويىچە كۆرۈش ياقتۇرسىڭىز بۇنى تەڭشىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

نورمال ھالەتتە كىنولارنىڭ ھەممىسى ئەسلىي ھالىتى بويىچە قويۇلىدۇ، سىز فىلىم مۇقەددىمىسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسە بولىتى دەپ قالسىڭىز، «فىلىم باش ئاخىرىدىن ئاتلاش» دېگەن تەڭشەكتىن «ئاپتۇماتىك ئاتلاش»نى تاللاپ قويسىڭىز، بۇنىڭدىن كېيىن فىلىم مۇقەددىمىسى ئاپتۇماتىك ئاتلاپ، فىلىمنىڭ نەخ يېرى چىقىدۇ.

كۆرۈۋاتقان فىلىمنى تېز ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز، تەڭشەكتىن «تېز ئۆتكۈزۈش ۋاقىت قىممىتى»نى تاللاپ، ئېھتىياجىڭىز بويىچە تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن: 40 سىكۇنتنى تاللاپ تەڭشەپ قويسىڭىز، سىز كىنونى تېز ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىزگىنەكنىڭ ئوڭ تەرەپ ▶ كونۇپكىسىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا كىنونىڭ 45 سىكۇنتلۇق بۆلىكى ئاتلايدۇ.