home

قويغۇچ بەت ئىقتىدارلىرى ئۆگەتمىسى

دىلكان ئەپنى قاچىلاپ تۇنجى كىنونى قويغىنىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ئۆگەتمە ئەسكەرتىشى چىقىدۇ، تىزگىنەكتىكى جەزملەشتۈرۈش (确定🆗) كونۇپكىسىنى باسسىڭىز كېيىنكى بەتكە ئۆتىدۇ.

كېيىنكى قەدەمدە دىلكاندىكى كىنولارنىڭ تەپسىلاتى كۆرۈنىدىغان بەتنى تاللاش ئەسكەرتمىسى چىقىدۇ، قىزىقىشىڭىز بويىچە تاللىسىڭىز بولىدۇ. قايسىسىنى تاللاشتا ئىككىلەنسىڭىز ئاستىدىكى «ئىككى خىل كىنو تەپسىلات بەتنىڭ پەرقىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ»نى باسسىڭىز، ئىككى بەت لايىھەسىنىڭ چۈشەنچە تەپسىلاتى چىقىدۇ.

تۆۋەندىكىدەك بەت ئېچىلغاندا «فىلىمنى قويۇش» ياكى «پۈتۈن ئېكران»نى باسسىڭىز فىلىم قويۇلىدۇ.

فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن تىزگىنەكنىڭ ئاستى ▼ كونۇپكىسىنى باسسىڭىز تۆۋەندىكىدەك تەڭشەكلىرى چىقىدۇ.

قىسىملىق كىنو كۆرۈۋاتقان بولسىڭىز «قىسىملىرى»نى باسسىڭىز كۆرۈۋاتقان كىنونىڭ باشقا قىسىملىرى چىقىدۇ، بۆلۈملۈك كىنو كۆرۈۋاتقان بولسىڭىز «بۆلۈملىرى»نى باسسىڭىز شۇ كىنونىڭ باشقا بۆلۈملىرى چىقىدۇ

تېخىمۇ سۈزۈك كۆرمەكچى بولسىڭىز «فىلىم سۈزۈكلۈكى»نى تاللىسىڭىز سۈزۈكلۈكىنى تاللاش بېتىگە كىرىدۇ.

«فىلىم تېزلىكى»نى تاللىسىڭىز فىلىمنىڭ تېزلىكىنى خالىغانچە تەڭشىيەلەيسىز

بەزى كىنولارنىڭ ئاستى-ئۈستىدە قارا بۆلەكلىرى بولسا، «ئېكران رازمىرى»نى تاللىسىڭىز ئېھتىياجىڭىز بويىچە فىلىم رازمىرىنىمۇ تەڭشىيەلەيسىز.

تېلېۋىزورلارنىڭ ماركىسى، سىستېمىسى ھەرخىل بولغانلىقتىن، بەزى تېلېۋىزورلاردا كىنو قېتىۋالىدىغان، غۇۋا چىقىدىغان، ئاۋاز-ئالدى كەينى چىقىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن، شۇنداق چاغدا «قويغۇچ تاللاش»نى بېسىپ، ئۈچ قويغۇچنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ،

كۆرۈۋاتقان كىنونىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلۈشىنى ياكى شۇ تۈردىكى باشقا كىنولارنى كۆرۈپ باقماقچى بولسىڭىز تىزگىنەكنىڭ ئاستى كونۇپكىسىنى ▼ ئىككى قېتىم باسسىڭىز تەپسىلاتى چىقىدۇ.