home

ئەپ تورغا ئۇلانمىسا قانداق قىلىمىز؟

تېلېۋىزورىڭىز تورغا ئۇلانمىغان ئەھۋالدا دىلكان ئەپكە كىرسىڭىزلا يۇقارقىدەك ئەسكەرتمە چىقىدۇ، سىز «سىستېما تور تەڭشىكىنى ئېچىش»نى باسسىڭىز بىۋاستە تېلېۋىزورنىڭ تورغا ئۇلايدىغان بېتىگە ئاتلايدۇ.

سىز دىلكان ئەپكە كىرىپ بولغاندا تورىڭىزدا مەسىلە كۆرۈلسە تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىپ، دىلكان ئەپنىڭ ئۆزىدىلا تېلېۋىزورىڭىزنى تورغا ئۇلىيالايسىز، مەشغۇلاتى تۆۋەندىكىچە:

دىلكان ئەپ ئەڭ ئۈستىدىكى تور سىگنالى بەلگىسىنى بېسىڭ ياكى ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى «ئەزا مەركىزى»دىن «تور تەڭشىكى»نى تاللاپ، «تور تەڭشىكىنى ئېچىش»نى باسسىڭىزمۇ بىۋاستە تېلېۋىزورنى تورغا ئۇلاش بېتىگە ئاتلىيالايسىز.