home

ئىكران قوغداش ۋاقتىنى تەڭشەش ھەققىدە

ئېكران قوغداش تېلېۋىزورىڭىزدا دىلكان ئەپ ئوچۇق، كىنو قويۇلمىغان، باشقا مەشغۇلات قىلىنمىغان تىنچ ھالەتتە مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئېكراندا كۆرۈنىدىغان رەسىم، سائەت، ھاۋارايى ئەھۋالى، نادىر كىنولار تەۋسىيەسىنى كۆرسىتىدۇ.

دىلكان باش بېتى «ئەزا مەركىزى»دىن «ئېكران قوغداش» تەڭشىكىنى تاللاپ كىرىپ ئېكران قوغداش ھالىتىنى ئۆزىڭىز خالىغانچە تەڭشىيەلەيسىز.

ئەسلىي ھالەتتە دىلكان ئەپ مەشغۇلاتسىز تىنچ ئىككى مىنۇت تۇرسىلا ئېكران قوغداش رەسىمى چىقىدۇ، سىز بۇنىڭ ۋاقتىنى خالىغانچە تەڭشىيەلەيسىز، تەڭشىمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى تەڭشەكنى تاللاڭ.

دىلكان ئەپ ئېكران قوغداش ھالىتىگە ئۆتكەندە ئېكراندا ھاۋا رايى، دىلكان ئالبومىدىكى رەسىملەر، سائەت، نادىر كىنو تەۋسىيەسى ئالمىشىپ چىقىدىغان بولۇپ، سىز بۇنى ئۆز قىزىقىشىڭىز بويىچە تەڭشىيەلەيسىز، ئۆزىڭىز يوللىغان رەسىملەرنى چىقسۇن دەپ قالسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك «مېنىڭ ئالبوملىرىم»نى تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ، سائەتلا چىقسۇن دەپ قالسىڭىز، سائەتنى، ھاۋارايىلا چىقسۇن دەپ قالسىڭىز ھاۋا رايىنى تاللاڭ، ھەممىسى ئارىلاش نۆۋەتلىشىپ چىقسۇن دەپ قالسىڭىز، «ئاپتوماتىك ئارىلاش ھالەت»نى تاللاڭ.