home

فىلىم قويۇلمىسا ياكى قېتىۋالسا قانداق قىلىمىز؟

دىلكان ئەپنىڭ ئېكران قوغداش ھالىتىگە ئۆتكەندىن كېيىن چىقىدىغان رەسىملەرگە ئۆزىڭىز ياقتۇرغان رەسىمنى چىقىدىغان قىپ تەڭشىيەلەيسىز. يانفوندىكى رەسىمنى دىلكانغا يوللاش مەشغۇلاتى تۆۋەندىكىچە:

دىلكان ئەپ ئوڭ تەرەپتىكى تۈرلەرنى ئەڭ ئاستىغا چۈشۈرسىڭىز «رەسىملىرىم» دەپ بىر تۈر بار، شۇنى تاللاپ، ئۈستىدىكى «رەسىم يوللاش»نى بېسىڭ.

«رەسىم يوللاش»نى باسسىڭىز تۆۋەندىكىدەك چىقىدۇ.

ياندا چىققان ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارىڭىزدا سىكانىرلاپ بولۇپ، ئىككىلىك كود ئاستىدىكى ئالتە خانىلىق نومۇرنى يانفونىڭىزدا چىققان بەتتە تولدۇرۇپ، جەزملەشتۈرۈڭ.

يانفون ئالبومىڭىزدىن دىلكانغا يوللىماقچى بولغان رەسىمنى تاللاپ، يوللىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.

رەسىم يوللاش ئوڭۇشلۇق بولسا دىلكاندىكى «رەسىملىرىم» سەھىپىسىدە سىز يوللىغان رەسىم كۆرۈنىدۇ.

ئەمدى «ئەزا مەركىزى»دىن «ئېكران قوغداش رەسىمى»گە كىرىپ، «مېنىڭ رەسىملىرىم»نى تاللاپ قويسىڭىز، دىلكان ئەپ ئېكران قوغداش ھالىتىگە ئۆتكەندە سىز يوللىغان رەسىملەرلا كۆرۈنىدۇ.